Twitter نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاك دورسېي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1740561
Twitter نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دورسېي، Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ قارارى توغرۇلۇق شىركەتنىڭ خىزمەتچى – خادىملىرىغا قاراتقان ئۇچۇرىدا، مۇنداق دېدى: «مەن بىر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ تەسىرى ۋە يول كۆرسىتىشىدىن مۇستەقىل ھالدا ئۆز ئالدىغىلا پۇت تىرەپ تۇرالىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ، شىركەتنىڭ باش  تېخنولوگىيە ئىشلىرى مەسئۇلى پاراگ ئاگراۋالنى بىردەك ئاۋاز بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ۋە مۇدىرىيەتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دورسېينىڭ، 2022-يىلدىكى پايچىكلار يىغىنىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقۇچە مۇدىرىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

جاك دورسېينىڭ Twitter دىن ئايرىلىش قارارىدىن كېيىن، شىركەتنىڭ   نىيۇ يوركتىكى ئاكسىيە بىرژىسىدىكى پاي چەكلىرى% 3 كە يېقىن ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر