ئابدۇللاھيان: ئىران – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قارار قىلىندى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1740054
ئابدۇللاھيان: ئىران – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قارار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھيان تىۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا، تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 15- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىبراھىم رەئىيسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇللاھيان تۈركىيە ۋە ئىران پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئىنتايىن دوستانە ۋە سەمىمىي كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مۇناسىۋەتلەرنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قارار قىلىندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.  ئىككى رەھبەر ھۆرمەتلىك ئەردوغاننىڭ تېھرانغا قىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا ئالىي كېڭەش (تۈركىيە-ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى) يىغىنى چاقىرىشقا قوشۇلدى» دېدى.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 15- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركمەنىستانغا  يېتىپ كەلگەن جۇمھۇر  رەئىس ئەردوغان ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى يىغىن دائىرىسىدە  ئاخباراتقا يېپىق ھالدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر