تالىبان ياۋروپادىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى ئايرودۇرۇملار مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

1740131
تالىبان ياۋروپادىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەپتە ئاخىرى قاتار پايتەختى دوھادا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تالىبان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا، ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا ئايرودۇرۇملارنى ئوچۇق تۇتۇش، قىزلارنى ئوقۇتۇش قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەر بويىچە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشلاردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتىگە ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى توماس نىكلاسسون (TomasNiklasson)، ئافغانىستان ھەيئىتىگە تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقىي باشچىلىق قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدا، ئۇچرىشىشلارنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاقىتلىق تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىق مەنىسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇچرىشىشلاردا ھەر ئىككى تەرەپ ئافغانىستاندىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئوچۇق تۇتۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئايرودۇرۇملارنى ئوچۇق تۇتۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

تەرەپلەر يەنە، ئافغانىستاندىكى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئەندىشەلىرىنى تىلغا ئالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانىستان خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىش كۆڭلىنى ئىپادىلىگەن. ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بولسا، دۆلەت مەمۇرلىرىغا بىر قانچە ئايدىن بۇيان بېرىلمىگەن مائاشلارنى بېرىش ۋەدىسىنى خاتىرىلەتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە قوشۇمچە قىلىپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق مائارىپ ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئافغانىستان خەلقىگە بىۋاستە كۆپ مىقداردا مالىيە ياردىمى قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدا، قىز ۋە ئوغۇللارنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بىلەن باراۋەر ھالدا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئاھمىيىتى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى ئافغانىستان ھەيئىتىنىڭ قىز-ئوغۇللارنىڭ باراۋەر ئوقۇشى بىلەن ئاياللارنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش نىيىتىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالدى.»

ئافغانىستاندا چەت ئەل دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ بولۇشىدىن مەمنۇنلۇقىنى تىلغا ئالغان ئافغانىستان ھەيئىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قايتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى پايتەخت كابۇلدا بەلگىلەنگەن ساندا دىپلوماتىك ئورگانلارنى تۇرغۇزۇش ئېھتىمالىدىن بېشارەت بەردى. ئەمما، بۇنىڭ تالىباننى ئېتىراپ قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا قارىتا قارار قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر