تالىبان ئۆكتىچىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەن ئۆكتىچىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1740372
تالىبان ئۆكتىچىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىر مۇھەممەد ئابباد ستانىكزەي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تالىباننىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى بىلەن چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋە بۇرۇنقى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆكتىچىلەر ۋە كونا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئافغانىستانغا قايتقان ئەھۋالدا مىنىستىرلىقتا خىزمەت قىلىشنى كۈتمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قايتىپ دۆلىتىدە ياشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «دۆلىتىمىزنى بىرلىكتە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى بىرلىكتە تاپايلى» دېدى.

ئۇ مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان ھەر قانداق ئىشلىرىنىڭ ئۆتمۈشكە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھېچكىمنىڭ ئۇلارغا «ئافغانىستاندا ياشىما» دېيەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئافغانىستاننىڭ پۈتكۈل ئافغانىستانلىقلارنىڭ دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئافغانىستان خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى. پايتەخت كابۇلدا تاقالغان چەت ئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى ۋە دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئورنىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز.»

ئۇ تالىبانىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن تالىبان كۈچلىرىنىڭ مۇئامىلىلىرىنىڭ خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا خىلاپ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تالىبان 2021-يىلى 15-ئاۋغۇست ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆكتىچى رەھبەلەر ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئافغانىستادىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر