دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تېز تارقىلدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تېز تارقىلىدىغانلىقى ۋە دېلتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىرۇسنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئېغىر كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

1740164
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تېز تارقىلدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 28-نويابىر) كى يازما باياناتىدا، ئومىكرون (Omicron) ۋارىيانتى پەيدا بولغان ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىشنى چەكلەشنىڭ باشلانغانلىقى تەنقىد قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«نۇرغۇن دۆلەتلەر ئومىكرون ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەر سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۆلەتلەرنى بىلىمگە ۋە خەلقئارالىق سەھىيە بەلگىلىمىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ساياھەت چەكلىمىلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنلىكى سەۋەبىدىن چېگرالارنىڭ تاقالماسلىقىنى چاقىرىق قىلدى.

باياناتتا، ئومىكروننىڭ دېلتا ۋارىيانتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ۋارىيانتلارغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ تارقىلشىچان ياكى ئەمەسلىكى، ئادەمدىن ئادەمگە ئاسان يۇقۇپ-يۇقمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي ئافرىقادىكى دۆلەتلەردە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ «ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ» بۇنى بىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئومىكرون ۋارىيانتىنى باشقا ۋارىيانتلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئېغىر كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر