دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئومىكرون ۋارىيانتى بەزى رايونلاردا يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۈگۈن (2021-يىلى 29-نويابىر) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ «ئىنتايىن چوڭ» دۇنياۋى خىرىس پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە بەزى رايونلاردا يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1740290
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئومىكرون ۋارىيانتى بەزى رايونلاردا يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 28-نويابىر) ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ باشقا ۋارىيانتلارغا سېلىشتۇرغاندا ئېغىر كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ياكى تېز تارقىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە بايقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ، ئىسىرائىلىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە كانادا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقالغانلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇلۇشى بىلەن، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكادا بىر قاتار ساياھەت چەكلىمىلىرى يېڭىدىن يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئومىكرون دەپ نام بېرىلگەن يېڭى ۋارىيانتتا، دېلتا ۋارىيانتىدىن تېخىمۇ تارقىلىشچان ياكى ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىش مۇمكىنلىكىنى چوڭايتىدىغان نۇرغۇن يېڭى تۈرلەر بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەتكەندىن كېيىن، بەدەندە پەيدا بولىدىغان ئانتېتىلادىن ئاسان قاچالايدىغان بىردىن كۆپ تۈر بار. بىراق، ۋاكسىناغا قارشى قارشىىق كۆرسىتىش كۈچى تەتقىق قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ 2-1 كۈن مۇسكۇل ئاغرىقى، چارچاش ۋە يەڭگىل ھۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى؛ ئومىكرون ۋارىيانتى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە داۋالىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر