بىئۇنتىچ شىركىتى 6 ھەپتە ئىچىدە ۋاكسىنىدا زۆرۈر بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ

گېرمانىيە بىئوتېخنىكا شىركىتى بىئۇنتىچ كوۋىد-19 نىڭ يېڭى ۋارىيانتى ئومىكروننى تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا ماسلاشتۇرۇلغان بىر ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1740387
بىئۇنتىچ شىركىتى 6 ھەپتە ئىچىدە ۋاكسىنىدا زۆرۈر بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىئۇنتىچ شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئومىكرون ۋارىيانتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەجرىبىخانا سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، زۆرۈر تېپىلغاندا ماسلاشتۇرۇلغان بىر ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

شىركەت 26- ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە بوتسۋانادا كۆرۈلگەن كوۋىد-19 نىڭ يېڭى ۋارىيانتى ئومىكرون ئۈستىدە تەتقىقاتنىڭ باشلانغانلىقىنى ھەمدە ھازىرقى ۋاكسىنادا يېڭى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىنىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن 2 ھەپتە ئىچىدە تەجرىبىخانا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

باياناتتا بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ mRNA ۋاكسىنىسىدا «قېچىش شەكلى» بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، Pfizer ۋە BioNTech شىركىتىنىڭ 6 ھەپتە ئىچىدە ۋاكسىنىدا زۆرۈر بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە 100 كۈن ئىچىدە تۇنجى زاكازلارنى يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر