دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىغان ئىتتىپاق قەدەملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1739699
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ئەلى قاراداغىنىڭ ئىمزاسى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تاشلىغان «ئىتتىپاقلىق ۋە ئەمەلىي قەدەملەر» قاتتىق ئەيىبلىنىپ، دىنىي جەھەتتىن «ھارام» دەپ باھا بېرىلدى.

باياناتتا، «دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ماراكەش قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى زىئونىستلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ ھەرىكەت دىنىي جەھەتتىن ھارام بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئاماننامىسىغا ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقىغا قىلىنغان خىيانەتتۇر » دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىن ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 15-سېنتەبىر ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

خارتۇم ھۆكۈمىتىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۇداننى «تېرورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشى بەدىلىگە، 2020-يىلى 23-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش  قارارى ماقۇللىغان ئىدى.

سۇداندىن كېيىن، ماراكەشمۇ 2020-يىلى 10-دىكابىردا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر