ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئىسرائىلىيە تىنچلىق ئۈمىدلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرى ۋە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېقىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ تىنچلىق ئۈمىدلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇددۇستا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇس، ئەلخەلىل، راماللاھ ۋە نابلۇس رايونلىرىدا سەيشەنبە كۈنى پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئۆي – ماكان، ئامبار ۋە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىنا – ئىش ئورۇنلىرىنى چېقىۋەتكەنلىكى، بىر كۈنلۈك چېقىش سەۋەبىدىن، 15 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆي – ماكانسىز قالغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە، پەلەستىنلىكلەرنى زورلۇق بىلەن ئۆي-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشتەك قانۇنسىز قىلمىش ۋە چېقىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىندى.
پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرى ۋە ئىش ئورۇنلىرىنى چېقىش ۋە مۇسادىرە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 21 ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، زورلۇق بىلەن ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەر سانىدا % 28 ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرى ۋە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېقىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ تىنچلىق ئۈمىدلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.