رۇسىيەدە بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 ئادەم قازا قىلدى

رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو رايونىغا جايلاشقان بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 ئادەم قازا قىلدى.

1738708
رۇسىيەدە بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش  ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېمېروۋو رايونىغا جايلاشقان كۆمۈر كاندا تەخمىنەن 250 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىدە 11 كىشى قازا قىلغان، 45 كىشى يارىلانغان، 239 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلغان.

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋمۇ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پۇتىننىڭ كاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىشى توغرۇلۇق  يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر