خىتايدا داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلىرى ھەققىدە يېڭى چەكلىمىلەر يولغا قويۇلدى

خىتاي دۆلەت مىقيااسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى دائىرىسىدە،  چولپانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرىغا بىر قىسىم چەكلىمىلەرنى قويدى.

1738525
خىتايدا داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلىرى ھەققىدە يېڭى چەكلىمىلەر يولغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تور باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئەخلاققا زىت مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلىيەلمەيدۇ. ھەشەمەت ۋە بايلىقنى كۆرسىتىدىغان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشىمۇ چەكلىنىدۇ.

بۇ دائىرىدە، چولپانلارنىڭ ئىسپاتلانمىغان ياكى قۇلاقتىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىشىشىمۇ قاتتىق چەكلىنىدۇ.

يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەم چولپانلار ۋە مەستانىلىرىمۇ چوقۇم خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى بويىچە ئىش قىلىشى شەرت.

ئىيۇن ئېيىدا مەستانىلەر تور بېتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىيىم-كېچەك ۋە ھەرىكەتلىرى پەرقلىق ئەر پروگرامچىلارنىڭ ئېكرانلارغا چىقىرىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

ئۇقتۇرۇشتا، خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللىمايدىغان شەخسلەرنىڭمۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر