جونسون بىلەن ماكرون قالايمىقان كۆچ توغرىسىدا كېلىشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون مانش دېڭىزىدا ئەڭ ئاز دېگەندە 31 كۆچمەن جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قالايمىقان كۆچنى توختىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا كېلىشتى.

1738443
جونسون بىلەن ماكرون قالايمىقان كۆچ توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون مانش دېڭىزىدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان قولۋاقنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئەڭ ئاز دېگەندە 31 كۆچمەن جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قالايمىقان كۆچنى توختىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا كېلىشتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، رەھبەرلەر تېلېفون سۆھبىتىدە قالايمىقان كۆچ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

باش ۋەزىر بورىس جونسون بىلەن پىرېزىدېنت ماكرون، «ئەجەللىك ئۆتۈشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تېزلىتىش، ھەمدە ئامالنىڭ بارىچە كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرىشكە جاۋابكار قارا گۇرۇھلارنى توسۇش ئۈچۈن مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىش» مەسىلىلىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

رەھبەرلەر مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن بېلگىيە، گوللاندىيە شۇنداقلا قىتئەدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئېچىنىشلىق ئۆلۈملەر» نىڭ،  بۇ ئەجەللىك ئۆتۈشلەرنى توختىتىش ۋە جىنايەت شايكىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن بارلىق تاللاشلارنى ئۈستەلدە ساقلاپ قېلىشنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.

فىرانسىيەدىن مانش دېڭىزى ئارقىلىق ئەنگلىيەگە بارماقچى بولغان ۋە قالايمىقان كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر قولۋاقنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئەڭ ئاز دېگەندە بەش ئايال ۋە بىر كىچىك قىز بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 31 قالايمىقان كۆچمەن جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «كۆچ مەسىلىسى» توغرىسىدا دەرھال توپلىنىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرا بىخەتەرلىك ئاگېنتلىقى فرانتېكس (Frontex) نىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى دەرھال كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «فىرانسىيە مانش دېڭىزىنىڭ مازارلىققا ئايلىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ» دېگەن ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تۆت كىشى تۇتۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر