ياۋروپا ئىتتىپاقى ساياھەت بەلگىلىمىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ئەزا دۆلەتلەر يولغا قويغان ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا ۋە ساياھەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

1737424
ياۋروپا ئىتتىپاقى ساياھەت بەلگىلىمىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى سترازبۇرگدا توپلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە چىڭىتقان تەدبىرلەرنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ستېللا  كيرىياكىدېس (Kyriakides): «بۇ مەسىلىدە بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋابا مەزگىلىدە ساياھەتلەرنى ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن تەييارلىغان «دىجىتال كوۋىد كېنىشكىسى» بەلگىلىمىسى، 2021-يىلى 1-ئىيۇل ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنا كېنىشكىسىنى 19-ئاۋغۇست (2021) ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

ئىككى شىشە بىيونتېك-فايزېر، مودېرنا، ئاسترازېنېكا، جونسون ۋە جونسون ۋاكسىنالىرىنى ئەملەتكەن ۋە ئەملەتكىنىگە ئىككى ھەپتە بولغان كىشىلەرگە كېنىشكە بېرىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سەۋەبىدىن چەكلىمىلەرنى چىڭىتىشقا باشلىدى.

ساياھەتلەرگە چەكلىمە قويۇش تەكلىپلەر ئارىسىدا يوق، ئەمما بەزى دۆلەتلەردىكى سىرتقا چىقىشنى چەكلەش قارارلىرى ۋە ۋابانىڭ كۆپىيىشىنىڭ ساياھەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر