ئامېرىكا بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1737370
ئامېرىكا بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا ئالىي ۋەكىلى كرىستىيان سىچمىت بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئېمىلىي ھورنې، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، سۇللىۋان بىلەن سىچمىتنىڭ تۈنۈگۈن ئالىي ۋەكىل ۋە «دايتون تىنچلىق كېلىشىمى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۇللىۋان بىلەن سىچمىت، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ  ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى. شۇنداقلا، ئىككى رەھبەر، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قوللاش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، مۇقىملىق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، پۈتكۈل بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە ئىقتىسادىي پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ خىزمەش ئىشلەش فۇنكىسىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر