پانامادا 3 توننا 267 كىلوگىرام كوكايىن قولغا چۈشۈرۈلدى

پانامادا ياۋروپا ۋە ئافرىقىغا بارىدىغان كونتېينېرلەردە 3 توننا 267 كىلوگىرام كوكايىن قولغا چۈشۈرۈلدى.

1737382
پانامادا 3 توننا 267 كىلوگىرام كوكايىن قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايون مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پاناما بىخەتەرلىك قىسىملىرى كولون ئۆلكىسى پورتىدىكى پاناما قانىلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئىككى كونتېينېرگە يوشۇرۇنغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئالاقىدار تارماقلار ياۋروپا ۋە ئافرىقىغا ئېلىپ كېتىلمەكچى بولغان3 توننا 267 كىلوگىرام كوكايىننىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ۋەقەگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زەھەرلىك چېكىملىك تارانسپورتىدا  ئۆتكۈنچى دۆلەت سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان پانامادا يىل بېشىدىن بۇيانقى تەكشۈرۈشلەردە 98.6 توننا زەھەرلىك چېكىملىك ​​قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سان ئۆتكەن يىلى 84.87 توننا بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر