فىرانسىيە باش مىنىستىرى كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملاندى

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ژان كاستېكىسنىڭ كوۋىد-19 سىنىقى مۇسبەت چىقتى.

1737395
فىرانسىيە باش مىنىستىرى كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە باش مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ژان كاستېكىسنىڭ 11 ياشلىق قىزى يۇقۇملانغاندىن كېيىن كوۋىد-19 سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا سىناقنىڭ مۇسبەت چىققانلىقى ۋە ژان كاسېستنىڭ ئۆزىنى كارانتىناغا ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ژان كاستېكىس تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا مەنسەپدىشى ئالېكساندېر دې كرو بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

باش مىنىستىر ژان كاستېكىس كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنىمۇ ئەملىتىپ بولغان ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە باشقا نۇرغۇن مىنىستىرلارمۇ كوۋىد -19  بىلەن يۇقۇملانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر