بۇركىنا فاسودىكى  تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 9 ئەسكەرنى قوشقاندا 19 كىشى قازا قىلدى

بۇركىنا فاسونىڭ سانماتېنگا ئۆلكىسىدە ژاندارما كۈچلىرىگە قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 ئەسكەرنى قوشقاندا 19 كىشى قازا قىلدى.

1737483
بۇركىنا فاسودىكى  تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 9 ئەسكەرنى قوشقاندا 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامەلۇم كىشىلەر سانماتېنگا ئۆلكىسىنىڭ فۇبى رايونىدىكى ژاندارما قىسىملىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا 9 ئەسكەرنى قوشقاندا جەمئىي 19 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇركىنا فاسودا نۇرغۇن قوراللىق گۇرۇپپىلار پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچكىشى بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

بۇركىنا فاسونىڭ ساھېل رايونىدا 14 نويابىردا ئارمىيەنى نىشان قىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدىمۇ 32 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغان ئىدى.

قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە ۋە دائىشقا چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى 2015-يىلدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالى ۋە شەرقىدە پات پات ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.

گەرچە بۇركىنا فاسو باشقا ساھىل قوشنىسى نىگېر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما مالىدا تۇرۇشلۇق تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرالماي كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يىل بېشىدىن بۇيان 17 مىڭ 500 كىشى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن دۆلەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر