ۋوتسئاپ ياۋروپادىكى مەخپىيەتلىك سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

ئىرېلاندىيەدە بۇ يىل (2021) نىڭ بېشىدا ۋوتسئاپقا سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش مەسىلىسىدە 225 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، ۋوتسئاپ ياۋروپادا مەخپىيەتلىك تەڭشىگۈچلىرىنى قايتىدىن ئىنچىكە تەڭشىدى.

1736944
ۋوتسئاپ ياۋروپادىكى مەخپىيەتلىك سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرېلاندىيەدە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋوتسئاپقا سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش مەسىلىسىدە 225 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، ۋوتسئاپ ياۋروپادا مەخپىيەتلىك تەڭشىگۈچلىرىنى قايتىدىن ئىنچىكە تەڭشىدى.

ۋوتسئاپ شىركىتىنىڭ مەخپىيەتلىك سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇنىڭدا ئابونتلار بىلەن تۈزۈلگەن توختامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى. ئابونتلىرىمىز ۋوتسئاپنى داۋاملىق ئىشلىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق تەلەپنى قوبۇل قىلىشىغا ياكى ھەر قانداق مەشغۇلات قىلىشىغا كېرەك يوق»  دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر