ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتيېۋ پايتەخت تېھراندا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن كۆرۈشتى.

1736775
ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىن كېيىن تېھرانغا يېتىپ كەلگەن لاۋرېنتيېۋ ۋە رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ۋېرشىننىن ئابدۇللاھيان بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايوندىكى تەرەققىيات ۋە سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن.

ئۇچرىشىشتا ئابدۇللاھيان ئاستانا مۇساپىسى دائىرىسىدە، سۈرىيەلىكلەر ئۆزئارا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ بۇ دۆلەتتىكى كىرىزىسنىڭ بىردىنبىر سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسىيە بىلەن مەڭگۈلۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، موسكۋا بىلەن تېھران دائىرىلىرىنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتا ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر