بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى مۇساپىرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا

بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدا ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن ئۈستى يېپىق جايلاردا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك مەسىلىلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

1736873
بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى مۇساپىرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلارۇسىيەنىڭ گرودون شەھىرىدىكى برۇزگى چېگرا رايونىدا تۇرۇۋاتقان كۆپىنچىسى ئىراق، سۈرىيەدىن كەلگەن ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 2 مىڭ كىشى ئىككى ھەپتىدىن بېرى تۇرۇۋاتقان جايدا تۇرمۇش شارائىتلىرى بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا.

بېلارۇسىيە خەلقى، جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، چېگرا كومىتېتى ۋە ئارمىيە قىسىملىرى چېگرادىكى مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىغان بولسىمۇ، مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشماقتا ۋە مەسىلىلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەيتىئىتى چېگرادا مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان جايغا بېرىپ، تەكشۈرۈشتە بولدى.

بېلارۇسىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى يۇرى كارايېۋ (Yuriy Karayev) دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتىگە مەلۇمات بېرىپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە 24 سائەت سەھىيە خىزمىتى بېرىلىدىغانلىقىنى، 100 گە يېقىن كىشىنىڭ ئۆپكە ياللۇغى باشقا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «چېگرادا ساقلاۋاتقانلار ئاساسلىقى ھۆتەل، زۇكام، كۆكرەك ۋە قورساق ئاغرىقى قاتارلىق شىكايەتلەر بىلەن ساقلىق ساقلاش ئەترىتىگە ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ. بالىلار ۋە ھامىلىدار ئاياللار زۆرۈر تېپىلغاندا، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ» دېدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا ئىشخانىسىنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش دىرېكتورى گېغالد روكېنشاۋ (Gerald Rockenschaub) بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدا شارائىتنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «چېگرادىكى مۇساپىرلار سالامەتلىكىدىن ئاغرىنماقتا. بەزىلىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىرى بار. بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ چېگرادىكى مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دۆلىتىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دورا، خەلقئارالىق تىببىي ياردەم ۋە دىزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى ياردىمى قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدا دەسلەپتە ئورماندا، ئارقىدىن ئۈستى يېپىق جايلاردا تۇرۇۋاتقان 2 مىڭ كىشى، ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان يۇيۇنالمىغان. بەزى كىشىلەر چېچىنى يۇيۇپ، بۇ ئېھتىياجىنى قامداشقا تىرىشقان. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەمىنلىگەن نەمدەلگەن لۆڭگىلەر بىلەن دىزىنفېكسىيە ئېھتىياجىنى قامداشقا تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر