لويىد ئوستىن مانامادا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد ئوستىن ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانى ۋە بەھرەيننىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادە سالمان بىن ھاماد بىن ئىسا ئەل خەلىفە بىلەن كۆرۈشتى.

1736540
لويىد ئوستىن مانامادا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئوستىن بەھرەيننىڭ پايتەختى مانامادا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ماناما دىئالوگى» يىغىنى جەريانىدا ھەر خىل ئۇچرىشىشلاردا بولغان.

ئوستىن ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، پەشمەرگە قىسىملىرىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

لويىد ئوستىن مانامادا ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇما ئىناد سادۇن بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىشتا، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ياردەم قىلىش ۋە ئىستىخبارات ئورتاقلىشىشنى ئاساس قىلغان ۋەزىپىسىنىڭ كېيىنكى قەدەملىرى  مۇزاكىرە قىلىندى.

بەھرەيىننىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادە سالمان بىن ھاماد بىن ئىسا ئەل خەلىفە بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئوستىن، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىق قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئوستىن يەنە مانامادا مالايسىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىشامۇددىن ھۈسەيىن بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر