لىۋىيە دېڭىزىدا 75 قانۇنسىز كۆچمەن قازا قىلدى
لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئاز دېگەندە 75 قانۇنسىز كۆچمەن غەرق بولدى
1736494
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى (IOM) نىڭ ھايات قالغانلار كۆچمەنلەندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، لىۋىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن ئاق دېڭىزدا يولغا چىققان كۆچمەن كېمىسىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، 75 دىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەن سۇغا غەرق بولۈپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ھايات قالغان 15 كۆچمەن لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى زۇۋارا شەھىرىدە قۇرۇغلۇققا ئېلىپ چىقىلغان.
يۈز بەرگەن بۇ ئاخىرىقى پاجىئە بىلەن بۇ يىل ئاق دېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر سانىنىڭ 1300 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.