كولۇمبىيەدە ساقچى تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، 2 ساقچى قازا قىلدى
كولۇمبىيەنىڭ كۇندىناماركا مەمۇرىي رايونىدا ساقچى تىك ئۇچارى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 ساقچى قازا قىلدى ۋە 3 ساقچى يارىلاندى.
1736562
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلار مەشغۇلاتتىن قايتىۋاتقان تىك ئۇچارنىڭ سۇباچوك يېزىسىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ۋەقەدە تىك ئۇچاردىكى 2 ساقچى نەق مەيداندا جېنىدىن ئايرىلىپ، 3 ساقچى يارىلاندى. ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دىياگو مولانو تۋىتتېر ھېسابىدىكى ئۇچۇرىدا، جېنىدىن ئايرىلغان ساقچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.