ياپونىيە: جەنۇبىي كورېيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇھىم

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو قوشنىسى جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى موھىملىقىنى تەكىتلىدى.

1736307
ياپونىيە: جەنۇبىي كورېيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر كىشىدا، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جەنۇبىي كورېيە بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش جەريانىدا كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان كىشىلەرگە تۆلەم تۆلەش، ئەينى ۋاقىتتىكى خورلانغان كورېيە ئاياللىرى ۋە تاقىم ئاراللار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كېلىشىملەر چوقۇم يولغا قويۇلۇشى ۋە ۋەدىلەرگە چوقۇم ئەمەل قىلىنىشى كېرەك، مەن جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر