ئۇكرائىنا-رۇسىيە يىرىكچىلىكى ياۋروپا ئۈچۈن پاجىئەلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلدۇ

ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن يۈز بېرىدىغان يىرىكچىلىكنىڭ پۈتكۈل ياۋروپا ئۈچۈن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1735958
ئۇكرائىنا-رۇسىيە يىرىكچىلىكى ياۋروپا ئۈچۈن پاجىئەلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن رايونلارغا ھەربىي قىسىملارنى يىغىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوي (OleksiyReznikov) ئامېرىكانى زىيارەت قىلدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىن (Lloyd Austin) بىلەن پېنتاگوندا كۆرۈشتى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«مىنىستىرلار رۇسىيەنىڭ رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى قاتارلىق بىر قاتار خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. 31-ئاۋغۇستتا (2021) ئىمزالانغان ئامېرىكا-ئۇكرائىنا ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە رامكىسىدا تەكىتلەنگەن ئورتاق ئالدىن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان نۇقتىلارنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى.»

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان قىسقا باياناتىدا: «رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاقلىقىغا قارشى ئورتاق ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتىلىرىمىزنى ئىلگىرىلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قارا دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىنتېرنېت تور ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ھەمدە ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا-ئۇكرائىنا ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە رامكىسىنى قانداق ئىجرا قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن» دېدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رېزنىكوي ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاقلىقىغا قىلغان ياردىمىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا يىرىكچىلىكلەرنى ھەر قاچان ئۇلغايتالايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. دۆلىتىمىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قوغداشقا تەييارمىز. بۇنداق يىرىكچىلىك پۈتكۈل ياۋروپا ئۈچۈن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ يۈز بېرىپ-يۈز بەرمەسلىكى بولسا، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ بۇ ئۇرۇشقاقلىققا قارشى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىتتىپاقلىقى ۋە قەتئىي مەيدانىغا باغلىق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر