ئاۋىستىرالىيەدە قىزىل قىسقۇچپاقىلارنىڭ كۆچۈشى يوللارنى قىزىل رەڭگە چۆمدۈردى
ئاۋىستىرالىيەنىڭ روژدېستۋو ئارىلىدا، قىزىل قىسقۇچپاقىلارنىڭ يىللىق كۆچۈش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
1735730
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورماندىن چىقىپ دېڭىز-ئوكيانغا كۆچۈشكە باشلىغان قىسقۇچپاقىلار ئۈچۈن يوللار قاتناشتىن توختىتىلدى.
مىڭلىغان قىسقۇچپاقا يىللىق كۆچۈش سەپىرىنى باشلىدى. ئاۋىستىرالىيەدىكى روژدېستۋو ئارىلىدا قىزىل قىسقۇچپاقىلارنىڭ كۆچۈشى سىنغا ئېلىندى.
مىڭلىغان قىسقۇچپاقا ئورمانلىقتىن چىقىپ ئوكيانغا قاراپ يول ئالدى. قىسقۇچپاقىلارنىڭ كۆچۈشى جەريانىدا يوللار قىزىل رەڭگە چۆمدى.
تەخمىنەن ئىككى مىڭ كىشى تۇرۇشلۇق ئارالدا مىليونلىغان قىزىل قىسقۇچپاقىمۇ بىرلىكتە ياشايدۇ. قىسقۇچپاقىلار كۈزدە كۆپىيىش ئۈچۈن ئوكيانغا قاراپ يول ئالىدۇ.
روژدېستۋو ئارىلىدىكى قىسقۇچپاقىلار قوغدىلىش ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، يىللىق كۆچۈش جەريانىدا، قىسقۇچپاقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يوللار قاتناشتىن توختىتىلىدۇ.