ۋابا مەزگىلىدە بالىلاردا سېمىزلىك نىسبىتى ئاشقان

ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكادا قىلىنغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بالىلاردىكى سېمىزلىكنىڭ كۆپىيىشىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەزگىلىدە ھەرىكەت قىلماسلىق ۋە ناچار ئوزۇقلىنىش ئاساسلىق ئامىللار بولغان.

1735580
ۋابا مەزگىلىدە بالىلاردا سېمىزلىك نىسبىتى ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەتلىك سەھىيە خىزمەتلىرى سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىپ، 2019-2020-يىللىرىدا %10 بولغان بالىلاردىكى سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ، 2020-2021-يىللىرى %14 چىققانلىقىنى ۋە بۇ نىسبەتنىڭ كەمبەغەل قاتلامدا ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىمۇ تەتقىقاتىدا ئوخشاش نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

تەخمىنەن 435 مىڭ بالىنىڭ مەلۇماتلىرى تەكشۈرۈلگەن تەتقىقاتتا، بالىلاردا بەدەن ئېغىرلىقى ئىندېكسىنىڭ ئىككى ھەسسە ئاشقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

ۋابادىن بۇرۇن %19 بولغان بالىلاردىكى سېمىزلىك نىسبىتى، ۋابا مەزگىلىدە %22 كە ئۆرلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېمىزلىكنىڭ ئېشىشىغا سەۋەبلىرىدىن بىرى، ۋابا مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان سىرتقا چىقماسلىق چەكلىمىلىرى ئىكەن.

بۇ مەزگىلدە بالىلار ھەرىكەت قىلمىغان، كومپيۇتېر، تابلېت ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش نىسبىتى ئاشقان. ئۇششاق-چۈششەك يېمىكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشمۇ سېمىزلىكنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر