نىگېردا ئىككى ئايرىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

نىگېرنىڭ مالىي چېگراسىغا جايلاشقان تاخوا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم قوراللىق ھۇجۇمدا 25 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1735488
نىگېردا ئىككى ئايرىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تاخوا شەھىرىنىڭ تىللىيا ۋە تاخوا رايونىغا، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر ھۇجۇم قىلغان. ئىككى ئايرىم ھۇجۇمدا 25 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

قوراللىق ھۇجۇمچىلار ھۆكۈمەت بىناسى ۋە دوختۇرخانا بىنالىرىنى بۇلىغاندىن كېيىن، ئەتراپنى ئوققا تۇتۇپ قېچىپ كەتكەن.

نىگېرنىڭ قوشنىسى مالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، بۇركىنا فاسو ۋە نىگېردا پات-پات ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلماقتا.

نىگېر قوشنىسى بۇركىنا فاسو بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان بولسىمۇ، مالىغا جايلاشقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتالمىدى.

ب د ت مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نىېردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن يېقىنقى ئۈچ يىلدا 313 مىڭ كىشى دۆلەت ئىچىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. 235 مىڭ كىشى قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2021-يىلى يانۋاردىن ئىيۇل ئېيىغىچە نىگېرنىڭ مالى ۋە بۇركىنا فاسو چېگراسىدا يۈز بەرگەن توققۇز قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 420 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر