گرېتسىيەدە ئىشچىلار 24- سائەتلىك ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى

گرېتسىيەدىكى مېترو، يېنىك مېترو ۋە تىرامۋاي ئىشچىلىرى بىر خىزمەتدىشىنىڭ 16-نويابىردا خىزمەتتە قازا قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ  24- سائەتلىك ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

1735728
گرېتسىيەدە ئىشچىلار 24- سائەتلىك ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گرېتسىيە رەسمىي خەۋەر  ئاگېنتلىقى «AMNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۆمۈر يول سىستېمىسى ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا ئاساسەن 24 سائەتلىك ئىش تاشلاش نامايىشى ئېلان قىلىنغان.

باياناتتا خىزمەتچىلەر خىزمەتتىكى ھادىسىلەرنىڭ  ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان خىزمەتدىشى بىلەن ۋىدالاشماقچى  بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، «ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جاۋابكارلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز»دېيىلدى.

16- نويابىردىكى ھادىسىدە، رېلىسنى ئاسراش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خۇسۇسىي بىر ئاپتوموبىل تورمۇزدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن يولۇچىسىز كېتىۋاتقان يېنىك مېتروغا سوقۇلۇپ كەتكەن ۋە ۋەقەدە 41 ياشلىق خىزمەتچى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر