بۇركىنا فاسودىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئاشتى

بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدا 14-نويابىر (2021) يۈز بەرگەن ئارمىيە ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 53 كە چىقتى.

1735551
بۇركىنا فاسودىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى قۇسسېنى تامبورا شىمالدىكى ھەربىي قىسىملارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 49 ئەسكەر ۋە تۆت پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇركىنا فاسو مىنىستىرلار كېڭىشى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 17-نويابىر) قارار چىقىرىپ، ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك قومانداننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

بۇركىنا فاسو پىرېزىدېنتى روچ مارك كرىستىيان كابور(Roch MarcChristian Kabore) تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇركىنا فاسونىڭ قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەل قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلار، 2015-يىلدىن تارتىپ بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدە پات-پات ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلماقتا.

بۇركىنا فاسو قوشنىسى نىگېر بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان بولسىمۇ، مالىغا جايلاشقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتالمىدى.

ب د ت مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ يىل (2021) نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە 17 مىڭ 500 كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، چەت ئەللەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر