ئامېرىكا لىۋان ئارمىيەسىگە 6 ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىئانە قىلدى

لىۋان ئارمىيەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ھەربىي ياردەم سۈپىتىدە ئىئانە قىلىنغان 6 ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدى.

1735199
ئامېرىكا لىۋان ئارمىيەسىگە 6 ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ھامات ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىغا لىۋان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف ئاۋن ۋە ئامېرىكانىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دوروتى شېئا قاتناشقان.

ئىئانە قىلىنغان 6 دانە «MD-530F» رازۋېدكا ۋە يېنىك ھۇجۇمچى تىك ئۇچارلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ 40 مىليون دوللار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكادا پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى لىۋان ئارمىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن 47 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىش پىلانىنى 9-سېنتەبىردە تەستىقلىغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر