بايدىن شى بىلەن كۆرۈشكەندە: «تەيۋەن مۇستەقىلدۇر» دېگەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق كۆرۈشۈشىدە،تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1734964
بايدىن شى بىلەن كۆرۈشكەندە: «تەيۋەن مۇستەقىلدۇر» دېگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق كۆرۈشۈشىنىڭ «ناھايىتى ياخشى» ئۆتكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدنن 15-نويابىر كەچتە شى جىنپىڭ بىلەن بولغان 3.5 سائەتلىك كۆرۈشۈشى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «كۆرۈشۈشىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى، كۆزىتىپ تۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. بىز نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆت ئايرىم گۇرۇپپا قۇردۇق. كەلگۈسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە بۇ توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بېرىمەن» دېدى.

ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە قانداق ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «تەيۋەن قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ناھايىتى ئېنىق ئېيتتۇق. تەيۋەن مۇستەقىل، ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزى بېرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر