ياپونىيە قىسىملىرى سومالىنىڭ دېڭىزىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپە مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى SDF سومالىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

1734378
ياپونىيە قىسىملىرى سومالىنىڭ دېڭىزىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپە مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك تاراتقۇسى NHK نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىرلار كېڭىشى سومالىنىڭ شىمالىدىكى ئادەن قولتۇقىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ياپونىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى تەستىقلىغان.

ماقۇللانغان قاراردا، رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياپونىيە قىسىملىرى SDF خادىملىرى سانىنىڭمۇ كۆپەيتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

قاراردا يەنە، دېڭىز قاراقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نامراتلىققا ئوخشاش ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقى ۋە بىر قىسىم سودا پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە قىسىملىرىدىن قوغدىغۇچى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سىنا يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەت ھالقىغان تىنچلىق ساقلاش قىسملىرى دائىرىسىدىكى ياپونىيەنىڭ قىسىملىرى SDF خادىملىرىنىڭمۇ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 1 يىل ئۇزارتىلىشى قارار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر