پولشا مۇخبىرلارنىڭ بېلارۇسىيە چېگراسىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى

پولشادا مۇخبىرلارنىڭ بېلارۇسىيە چېگراسىغا بەزى شەرتلەر ئاستىدا بېرىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى قوبۇل قىلىندى.

1734503
پولشا مۇخبىرلارنىڭ بېلارۇسىيە چېگراسىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى مۇخبىرلارنىڭ بېلارۇسىيە چېگراسىغا رۇخسەت قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، دۆلەت چېگرالىرىنى قوغداش قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ماددىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، قانۇن لايىھەسىنىڭ چېگرالارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىغا بەزى شەرتلەر ئاستىدا بېرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، قانۇن لايىھەسى بىلەن چېگرا قوغداش خادىملىرى بىخەتەرلىكىنىڭمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقى، مۇخبىرلارنىڭ چېگرا رايونىدا ئالاھىدە شارائىتلار ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پولشا پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى رۋسزارد تېرلېسكى (Ryszard Terlecki)  دۆلەتلىك تاراتقۇ ئورگانلىرىغا رۇخسەت بېرىلىش ئېھتىمالىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن بېلارۇسىيە چېگراسىدىن پولشاغا ئۆتمەكچى بولغان كىشىلەر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. نەتىجىدە، پولشا ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، تەخمىنەن 400 كىلومېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى جايغا مۇخبىرلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات خادىملىرىنىڭ بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر