بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ سىنلىق كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق كۆرۈشتى.

1734496
بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ سىنلىق كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ يانۋار ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان ۋە تەخمىنەن 3 يېرىم سائەت داۋاملاشقان سىنلىق ئۇچرىشىشتا، شى جىنپىڭ، خىتاي  بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تەرەپتىن، ئىچكى مەسىلىلىرىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، بىرلىكتە تىنچلىق ئىچىدە ياشىشى ۋە ئورتاق قازىنىش ھەمكارلىقىنى نىشان قىلىشى لازىم.»

خىتاي – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنى ئىجابىي يۆلىنىشكە قاراپ يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇرەسسەلىشىش ۋە پائال قەدەملەرنى تاشلاش ئۈچۈن پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن شى جىنپىڭ، بۇنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىغىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە بايدىندىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئەقلىي ۋە ئەمەلىي يولغا قايتۇرىدىغان سىياسىي رەھبەرلىكنى نامايەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، دۆلىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەر بىزگە قۇتراتقۇلۇق قىلسا، بىزنى سىناپ بېقىشقا ۋە قىزىل سىزىقنى دەپسەندە قىلسا، خىتاي ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.»

پىرېزىدېنت جو بايدىن بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  «بىرلا خىتاي» » سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ بىلەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئوچۇق - يورۇق ۋە سەمىمىي سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، رەھبەرلەرنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە ئوخشاشلا پۈتكۈل دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئورتاق تونۇشنى ئاساس قىلىدىغان يېتەكچى پىكىر لىنىيەلىرىنى بېكىتىپ چىقىشىمىز، ئوخشىماسلىقلىرىمىز مەسىلىسىدە ئوچۇق - يورۇق ۋە سەمىمىي بولۇشىمىز، ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز، بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.»

بۇ ئارىلىقتا، بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سىنلىق ئۇچرىشىدىن كېيىن، ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى رەھبەر، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.»

بايدىننىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، 21-ئەسىردىكى يول خەرىتىسىنىڭ ئەركىن، ئوچۇق – يورۇق ۋە ئادىل خەلقئارا سىستېمىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، خىتاينىڭ  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنى ۋە ئومۇمەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى پوزىتسىيەسىگە دائىر ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا ۋە ئىقتىسادىي بەلگىلىمىلىرىگە قارشى ئامېرىكانىڭ سانائىتى ۋە ئامېرىكالىق خىزمەتچى – خادىملارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەركىنلىك ۋە ئوچۇق - يورۇق مۇھىتىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر