ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ كوتەي سانگى رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، ئىككى كىشى يارىلاندى.
1734134
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئەمەلدارى سىلو كوچىسىدا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنانىڭ پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان پەيتتە پارتىلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچى ئەمەلدارى ۋەقەدە 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۇجۇم نىشانىنىڭ تالىبان كۈچلىرى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچقانداق كىشى ياكى تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.