بوررېل بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى بوررېل پولشا چېگراسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ رايونغا بېرىشىغا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

1733941
بوررېل بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل (JosepBorrell) تۋىتتېردا بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋلادىمىر ماكېي (Vladimir Makey) بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى مۇھىم مەسىلە بولغان ئىنسانى ۋەزىيەتنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «كىشىلەرنىڭ ھاياتى قوغدىلىشى كېرەك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ رايونغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ چېگرادىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، كىشىلەرنى قورال ئورنىدا پايدىلانماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى ھەپتىلەردە، ئىراق، سۈرىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن رايونغا بارغان مىڭلارچە كىشىنىڭ بېلارۇسىيەدىن پولشانى ئاساس قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قوشنا دۆلەتلەرگە كىرىشكە ئۇرۇنۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسقا سەۋەب بولغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلارۇسىيەنى بۇ كىشىلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە قىلىپ پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. بېلارۇسىيە بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر