بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيە پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىغا جاۋابكار

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىغا، بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1733887
بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيە پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىغا جاۋابكار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس (NedPrice) مىنىستىر بلىنكېن بىلەن پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زبىگنىيېۋ راۋ (Zbigniew Rau) نىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

نېد پرايسنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىغا، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو بىلەن رۇسىيەنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:

«لۇكاشېنكو ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرىكەتلىرى رايوندىكى خەۋپسىزلىككە تەھدىت سېلىپ، رايوندىكى بۆلۈنۈشنى ئۇلغايتقان بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى قەدەملىرىدىن دىققەتنى باشقا ياققا بۇراشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇساپىرلاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ.  بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن.»

ئىراق ھۆكۈمىتى بېلارۇسىيە بىلەن پولشا چېگراسىدىكى سەككىز لاگېردا 571 ئىراق پۇقراسىنىڭ بارلىقىنى، ئىراقتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇ يەرگە بارماسلىقى ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر بىلەن كوردىناتسىيە ھالىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپاغا بېرىش خىيالى بىلەن يولغا چىققان ۋە پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدا قاپسېلىپ قالغان مىڭلارچە مۇساپىر، سوغۇق ھاۋا ۋە يېتەرسىز ئوزۇقلىنىش قاتارلىق قىيىن شارائىتلار ئاستىدا، ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر