لىۋىيەدىكى سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقى بىلدۈررلۈدى

لىۋىيە سايلام ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىماد ئەس سائىھ سايلامنىڭ ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، قانۇنلار پارلامېنت تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن تەقدىردىمۇ سايلامنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوقلىقىنى بايان قىلدى.

1733616
لىۋىيەدىكى سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقى بىلدۈررلۈدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىماد ئەس سائىھ «لىۋىيە ئەل ئەھھار» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ سايلام جەريانىنى توختىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەكتۇپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋىيە ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى خالىد ئەل مىشرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 24-دېكابىر ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ 3 ئاي كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

لىۋىيە ئالىي كېڭىشىنىڭ سايلامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىشرى سايلامنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

لىۋىيە خەلقئارا يىغىنى جۈمە كۈنى فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، لىۋىيەدە 24-دېكابىر ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ «ئەركىن، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق-ئاشكارە ۋە ئىشەنچلىك» بولىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن ۋە سايلام مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلارغا جازا بېرىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر