پولشا – بېلارۇسىيە چېگراسىدا بىر كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلدى

پولشا – بېلارۇسىيە چېگراسى ئەتراپىدا سۈرىيەلىك بىر ياشنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1733433
پولشا – بېلارۇسىيە چېگراسىدا بىر كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ۋولكا تېرېچوۋسكاغا يېقىن جايدا تېپىلغان جەسەت توغرۇلۇق نەق مەيداندا دەسلەپكى تەكشۈرۈش تاماملاندى،  ئەمما سۈرىيەلىك كۆچمەننىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىقلاپ چىقىلالمىدى.

ساقچىلار، كۆچمەنلەرنىڭ چېگرا ئېغىزىدىن قانۇنسىز  ھالدا ئۆتۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبلىك 3 ئادەمنى قولغا ئالدى.

قولغا ئېلىنغانلاردىن بىرىنىڭ پولشالىق، ئىككىسىنىڭ ئۇكرائىنا پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، كۆچمەنلەرنىڭ چېگرا رايونىدىكى كۈتۈشى داۋاملاشماقتا.

ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققتىنى، قىيىن ئەھۋالدا قالغان كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا بۇراشقا تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر