بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇچرىشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

1733365
بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇچرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 15 – نويابىر كۈنى سىنلىق كۆرۈشىدىغانلىقىنى،  ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەرنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ساھەلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، پىرېزىدېنت بايدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيىتى، مۇھىم خىزمەت كەنتەرتىپلىرى ۋە خىتايغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى سەمىمىي بىر شەكىلدە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، يېقىنقى مەزگىللەردە، تەيۋەندىكى ئۆزگىرىشلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشلار ۋە خەلقئارا سودىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى.

شى جىنپىڭ،  مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن، بايدىن – شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشى ئىشقا ئاشمىغانىدى.

ئاقساراي بولسا، ئۇدا بىرقانچە ئايدىن بۇيان، ئىككى رەھبەرنىڭ 2022-يىلدىن بۇرۇن توردا سىنلىق كۆرۈشىدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچرىشىش ۋاقتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەيۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر