سېررالېئوندىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانى كۆپەيدى

سېررالېئوننىڭ پايتەختى فىرېتوۋندا 5 – نويابىر كۈنى نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 131 گە يەتتى.

1732471
سېررالېئوندىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېررالېئون جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد لامرانا باھنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  پايتەخت فىرېتوۋننىڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋېللىڭتون رايونىدا يۈز بەرگەن قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 131 گە يەتكەن،  يارىلانغان 63 ئادەمنى داۋالاش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 19 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، مەزكۇر قازادا يارىلانغانلارنى داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن، سېررالېئونغا 6.6 توننا جىددىي قۇتقۇزۇش تېببىي لازىمەتلىكلىرىنى ئەۋەتكەنىدى.

قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر