نىگېردا ئالتۇن كان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرنىڭ مارادى رايونىغا جايلاشقان كونداگو يېزىسىدىكى بىر ئالتۇن كان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىدە 25 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1731338
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، خارابىلىكنىڭ ئاستىدىن 25 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان، نەق مەيداندا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كاندا قاپسىلىپ قالغان ئونلارچە ئىشچى بار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئاقساپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر رايوندا كۆپ ساندا قانۇنسىز كان بار ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلدى.
رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش مەشىقىنى باشلىدى
رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلىدىغان مانېۋىرىنى باشلىدى.