دونباستا رۇسىيەپەرەسلەر ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، دونباس رايونىدا رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئوق چىقىرىپ، ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1730635
دونباستا رۇسىيەپەرەسلەر ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان دونباس رايونىدا رۇسىيە تەرەپتارى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى ئەسكەر يارىلاندى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، بۆلگۈنچىلەرنىڭ سەككىز قېتىم ئوق چىقىرىپ، ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۆلگۈنچىلەرنىڭ دونباسنىڭ پاۋلوپىل، گنۇتوۋ، نوۋوزۋانىۋكا ۋە پىسكى رايونلىرىدا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر