ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرىگە 29 – نويابىردا قايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىران ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادىكى يادرو كېلىشىمىگە قايتىش مۇزاكىرىلىرىگە 29 – نويابىر كۈنى قايتا باشلايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1729186
ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرىگە 29 – نويابىردا قايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىراننىڭ ۋىيېننا مۇزاكىرىلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئەلى باقىرى كېنى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يادرو مۇزاكىرىلىرىگە 29 – نويابىر كۈنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالاھىدە ۋەكىلى ئېنرىك مورا بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قانۇنسىز ۋە رەھىمسىزلەرچە ئېمبارگولىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى مەقسىتىدە، 29-نويابىر ۋىيېننادا يادرو سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى قارار قىلدۇق.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن ۋە بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى (JCPOA) دەپ ئاتىلىدىغان يادرو كېلىشىمىنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى كېلىشىمگە قايتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەتلەر، 6-ئاپرېل باشلانغانىدى. ئىراندا ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا قاتناشقان يادرو كېلىشىمىگە ئامېرىكانى قايتۇرۇش سۆھبەتلىرى توختىتىپ قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر