ئامېرىكا: «F 35» سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە – ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا «F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىدە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1727859
ئامېرىكا: «F 35» سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مەزكۇر سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «سۆھبەت، تۈركىيەنىڭ < F 35 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىدىن چىقىرىلىش باسقۇچىنىڭ تاماملانغان بولۇشى ۋە بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قانداق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلاتتى، جۈملىدىن، كەسپىي جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە  بۇ سۆھبەت ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاندى، تۈركىيە ھازىرمۇ كۆپلىگەن مەنپەئەتلىرىمىز بار بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر، بىز، مانا مۇشۇ ئىتتىپاقداشلىق نۇقتىئىنەزەرىگە ئاساسەن ئورتاق بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايمىز.»

سۆھبەتنىڭ پەقەت تۈركىيەنىڭ «F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىدىن چىقىرىلىش مەسىلىسىنى مەزمۇن قىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىربى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ ھەرگىزمۇ تۈركىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەيمىز، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ.»

تۈركىيەنىڭ «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىۋېلىش تەلىپىنىڭ، پەقەت دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىنلا ئەمەس،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان كىربى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ قۇدرەتلىك ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ناتو ئۈچۈن مۇھىملىقىغا ئىشىنىپ ئىشەنمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالمايمەن، لېكىن، تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇھىم ۋە ناتودىكى قىممەتلىق ئىتتىپاقدىشىدۇر، ئىتتىپاقداشلىقىىز ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئاساسلىنىدۇ، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە قانداق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇھىم بولۇپ، بۇ ھەقتە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز.»

ئۇ، تۈركىيەنىڭ پەقەت بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قارىتا ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «بۇ مەسىلە ھەققىدە توختالمايمەن، س د گ ئىسمىنى ئىشلەتكەن ي پ گ/پ ك ك بىلەن سۈرىيەدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ۋە پەقەت دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىلا ھەمكارلىشىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر