خاتىبزادە: ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن جازا ئاقساراينىڭ زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنىڭ ئىپادىسى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەئىد خاتىبزادە، ئامېرىكانىڭ ئىران شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرىگە يۈرگۈزگەن يېڭى جازاسىنىڭ «ئاقساراينىڭ زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنىڭ ئىپادىسى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1726814
خاتىبزادە: ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن جازا ئاقساراينىڭ زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنىڭ ئىپادىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتىبزادە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسىملىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پىروگراممىلىرى بىلەن قۇددۇس قىسىملىرىنى قوللايدىغان 4 كىشى ۋە 2 شىركەتكە جازا يۈرگۈزۈشىنى ئەيىبلىدى.

بۇ قەدەملەرنىڭ ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ۋە مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغان خاتىبزادە: «يېڭى جازا ئاقساراينىڭ زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنىڭ ئىپادىسى. جازاغا قايتىشنى خالايدىغان ۋە تىرامپنىڭ ئۇسۇللىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ھۆكۈمەت ئادەمگە ئىشەنچسىزلىك ئۇچۇرى بېرىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پىروگراممىسىغا چېتىشلىق 4 ئادەم ۋە 2 شىركەتنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر