20 گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا باشلاندى

دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 20 چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا باشلاندى.

1726808
20 گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىتالىيەنىڭ نوۋولا قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ساھىبخان باش مىنىستىر مارىيو دىراگىنىڭ مېھمانلىرىنى قارشى ئېلىشى بىلەن باشلاندى.

دىراگى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق مېھمانلارنى ئىشىك ئالدىدا بىرمۇ - بىر كۈتۈۋالدى، ئارقىدىن مېھمانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلە فوتو – سۈرىتى تارتىلدى.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە «يەر شارى ئىقتىسادى ۋە يەر شارى ساغلاملىقى» تېمىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يىغىندا، يۇقۇم مەزگىلىدە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيىتى ۋە يۇقۇم مەزگىلىدىكى سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك تەرەققىياتلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس  ئەردوغان «تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن كىچىك تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئاياللار ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنى قوللاش» تېمىلىق يىغىنى ۋە چۈشلۈك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئەردوغان رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى ساھىبخانلىقىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىگە، ھەمدە ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللانىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى باشلىقلىرىغا بېرىدىغان  كەچلىك زىياپەتكىمۇ قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر