ئامېرىكا ئافغانىستانلىقلارغا ياردەم قىلىدۇ

ئامېرىكا ئافغانىستانغا تەخمىنەن 144 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىدۇ.

1726649
ئامېرىكا ئافغانىستانلىقلارغا ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئافغانىستانغا تەخمىنەن 144 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا تەخمىنەن 144 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىدىغانلىقلىرىنى؛ بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكانىڭ مۇشۇ يىل (2021) ئىچىدە ئافغانىستان ۋە رايوندىكى ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار ئۈچۈن قىلغان جەمئىي ياردەمنىڭ 474 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ قوشۇمچە ياردەملەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشتىن كېيىن، ب د ت ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى، ب د ت بالىلار فوندى، ب د ت خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ھەمدە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا بىۋاستە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياردەملەرنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىكى ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى ئېھتىياجلىق 18 مىليوندىن كۆپ كىشىنىڭ بەزىلىرىگە بىۋاستە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ياردەملەر بىلەن، شېرىكلىرىنىڭ قوغداش، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە ياردىمى، سەھىيە خىزمەتلىرى، قىشلىق ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافغانىستانغا قوشنا بولغان ۋە ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارغا ساھىبخانلىق قىلغان دۆلەتلەرگە قارىتىپ: <<خەلقئارادىن قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئافغانىستانلىقلارغا چېگرالىرىڭلارنى ئېچىڭلار>> دەپ چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر