بلىنكېن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98-يىللىقىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98-يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1726566
بلىنكېن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98-يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا: <<بۇ ئالاھىدە كۈندە، سىلەرگە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمىزنى ئەۋەتىمىز ۋە كەلگۈسىدىكى يىللاردا شېرىكلىكىمىزنى كېڭەيتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98-يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا نامىدىن تۈركىيە خەلقىنىمۇ تەبرىكلەيمەن>> دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ۋە ئامېرىكانىڭ شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلارنى يىڭىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشقان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سودا، خەۋپسىزلىك ۋە دىپلوماتىك ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا نەسىللەر بويىچە داۋاملاشقان مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر